پۇتىن نازاربايېفنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى
2013.07.07
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 6 - ئىيۇل كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تاتارىستان پايتەختى قازاندىن ئاستاناغا كېلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە نازارابيېفنى تەبرىكلىدى.
رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 6 - ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ پرېزىدېنت كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىلگەن.
«نېۋسرۇ» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پۇتىن ئاستانادا نازاربايېفنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيە بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم نۇقتا «بايقانۇر» ئالەم ۋە يادرو تېخنىكا مەركىزى مەسىلىسى بولۇپ، رۇسىيە بۇ ئورۇننى داۋاملىق ئىشلەتمەكتە ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا پۇتىن بىلەن نازاربايېف يەنە 2 - ئىيۇل كۈنى بۇ جايدىن قويۇپ بېرىلگەن «پروتون - م» ناملىق راكېتا توشۇغۇچىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراپ، قازاقىستان ئېكولوگىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ئائىت مەسىلىلەرنىمۇ مۇھاكىمە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، پۇتىن قازاقىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۇنىڭ «ياۋرو - ئاسىيا ئىتتىپاقى» ئىدىيىسىنىڭ قوللىغۇچىسىدۇر.