رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن27-28-فېۋرال كۈنلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن ئۆز سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى سۈپىتىدە 27-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قوشنا تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى دۈشەنبىنى تاللىغان بولۇپ، بۇ سەپەردە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 6 خىل كېلىشىم تۈزۈلگەن. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش دائىرىسىگە ھەربىي، سودا-ئىقتىسادىي، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئاتوم ئېنېرگىيەسى ھەم باشقىلار كىرگەن.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، پۇتىن 28-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتانبايېف بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئىككى كېلىشىم ئىمزالانغان.
ئىككى پرېزىدېنت ھەربىي ۋە ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاكتىپ كۈچەيتىشكە پۈتۈشكەن بولۇپ، رۇسىيە ھەربىي بازىسىنىڭ قىرغىزىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ، مەركىزى ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ۋە رۇسىيە ھەربىي بازىسىنىڭ داۋاملىق تۈردە قىرغىزىستاندا بولۇشى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
پۇتىن قىرغىزىستانغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋە سودا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن، ئاتانبايېف بولسا قىرغىزىستاننىڭ ياۋرو -ئاسىيا ئىقتىسادى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور پايدىلىق بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئۇزۇن چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ» ھەمكارلىق پروگراممىسى ئاستىدا خىتاي بىلەن سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى رۇسىيەنىڭمۇ بۇ رايوندىكى ئۆز سىياسىي، سودا-ئىقتىسادى تەسىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىگە تۈرتكە بولماقتا.