پۇتىن تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن تۈزگەن ھەربىي كېلىشىمنى تەستىقلىدى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 8 - ماي كۈنى رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن تۈزگەن رۇسىيە ھەربىي بازىلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە مەزكۇر ئىككى مەملىكەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىغا ئائىت كېلىشمنى تەستىقلاپ ئۇنى كۈچكە ئىگە قىلدى.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ رۇسىيە دۆلەت مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مەزكۇر كېلىشىمگە ئائىت قانۇنىي ھۆججەت 27 - ئاپرىل كۈنى رۇسىيە دۇماسى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولۇپ، پرېزىدېنت پۇتىن چارشەنبە كۈنى بۇنى رەسمىي تەستىقلىغان.

رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنىڭ 49 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئائىت مەزكۇر كېلىشىم ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا دۈشەنبىدە ئىمزالانغان ئىدى. بىراق، خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تاجىكىستان پارلامېنتى تېخى ھازىرغىچە رۇسىيە بىلەن تۈزگەن مەزكۇر كېلىشىمنى رەسمىي تەستىقلاپ قانۇنلاشتۇرمىغان.

رۇسىيە ھەربىي بازىسىنىڭ قىرغىزىستاندا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئائىت كېلىشىممۇ ئۆتكەن يىلى سېنتېبىردە بېشكەكتە ئىمزالانغان ئىدى. بۇ ھەربىي كېلىشىملەر ئىلگىرى بىر قېتىم ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىلىرى پەقەت ھەربىي بازىلارنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا قارىتىلغان ئىدى.

رۇسىيە ھەربىي بازىلىرىنىڭ مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتتە داۋاملىق تۇرۇشىغا ئائىت كېلىشىملەر ئۆتكەن يىلى پرېزىدېنت پۇتىننىڭ دۈشەنبە ۋە بېشكەك زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالانغان ئىدى. نۆۋەتتە، پۇتىنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ۋە تاموژنا ئىتتىپاقى رامكىسى ئاستىدا رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.