رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن چارشەنبە كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى خاتىرىلەشكە ئائىت سەنئەت كونسېرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىغىلىشتا سۆز قىلىپ، «رۇسلار ۋە ئۇكرائىنلار بىر خەلق» دەپ جاكارلىدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن رۇسىيەدە دائىم شۇنداق قارىلىدىغانلىقى ھەم ئۆزىنىڭمۇ ھازىرغىچە شۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پۇتىن يەنە پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئارىسىدا نورمال دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «نېۋسرۇ»تورىدىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، موسكۋا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر خاتىرىلەش يىغىلىشىغا 100 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، پۇتىن يىغىلىشتا قىلغان سۆزىدە «ئۇكرائىنلار-رۇسلار بىر خەلق» دېگەن كلاسسىك سىلاۋىيانىزم ئىدىيىسىگە ئائىت جۈملىنى ئىشلەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىلىشقا قاتناشقانلار قوللىرىدا «پۇتىن -قىرىمنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى»، «قىرىم بىزنىڭكى» دېگەندەك پلاكاتلارنىمۇ كۆتۈرگەن.
پۇتىن خاتىرىلەش يىغىلىشىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى قىرىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە يىغىن ئاچقان شۇنىڭدەك قىرىم ئاھالىسىنىڭ «بىر يىل ئىلگىرى كۆرسەتكەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ۋە باتۇرلۇقى» غا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىگىلىنىشىگە بىر يىل توشقاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشىنى «قانۇنسىز قوشۇۋېلىش»، «دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. مېركېل يەنە «بىز ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى تولۇق ئەسلىگە كەلمىگۈچە بولدى قىلمايمىز» دېگەن.
موسكۋا، ئۆتكەن يىلىدىكى 18-مارت كۈنىدە ئۇكرائىناغا تەۋە قىرىم ۋە سېۋاستوپولنى رۇسىيە تەركىبىگە قوشۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، كىيېۋ ھۆكۈمىتى موسكۋانى ئىزچىل ئەيىبلىدى ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىمۇ رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشىنى قانۇنسىزلىق بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ زېمىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى.
قىرىمنىڭ قوشۇۋېلىنىشىدىن كېيىن رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ، موسكۋا بىر قانچە قېتىم ئىقتىسادىي ئېمبارگوسى دۇچ كەلدى.