رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ھەربىي پاراتقا قاتنىشىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىش ھارپىسىدا خىتاي تاراتقۇلىرى بىردىنلا خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى رۇس كەنتىنى بەس-بەستە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي-شىمالىي بۇرجىكىدىكى خۇڭجياڭ كەنتى رۇسىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان خىتاي تەۋەسىدىكى ئالاھىدە بىر كەنت ئىكەن.
بۇ كەنتتە ياشايدىغان 300 گە يېقىن كىشىنىڭ قېنىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە رۇس تەركىپى بار بولۇپ، ئۇلار ئەينى يىللىرى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقتىن خىتايغا قېچىپ كەلگەن رۇسلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن. بۇ كىشىلەر كېيىنچە بۇ يەردىكى خىتايلار بىلەن تويلىشىپ شالغۇت بىر توپنى شەكىللەندۈرگەنىكەن.
1960-يىللاردا سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندە، بۇ يەردىكى رۇس قېنى ئارىلاش كەنت ئاھالىلىرى «سوۋېت جاسۇسى»، «رېۋىزىئونىزمچى» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن ئېغىر كۈنلەرنى كۆچۈرگەنلىكى مەلۇم.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇتىن بېيجىڭغا كېلىش ئالدىدا خېيلۇڭجياڭدىكى رۇس كەنتىنى تاراتقۇلاردا تەشۋىق قىلىشى كونا ئىتتىپاقدىشى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە دەسمايە ھازىرلاش ئۈچۈندۇر، دەپ قارىماقتا.