ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ رەئىسلىرى جېف مېركلېي ۋە جېيمىس مەكگوۋېرن 1-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەپەندىگە ئوچۇق مەكتۇپ يوللىغان. مەكتۇبتا ئۇلار ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ماراكەش، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاچقۇنلىرىنىڭ پاناھلىق تىلەش ئىشلىرىغا دىپلوماتىيە جەھەتتىن قول تىقىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلار مەكتۇبىدا: «پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ. شۇنىڭدەك بۇ كىشىلەرنى تۇتقۇن بولۇش، قىيىن-قىستاققا دۇچار بولۇش ۋە باشقا جىسمانىي زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا ئېلىپ بارىدۇ،» دەپ ئەسكەرتكەن.
مەكتۇبتا رەئىسلەر ماراكەشتە تۇتقۇن قىلىنغان ئىدرىس ھەسەن، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدۇللا ئابدۇۋەلى ۋە نۇرمەمەت روزى قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلغان ھالدا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېنگە «ئاشۇ دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىلىرىمىز ئاشۇ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم» دېگەن. ئۇلار يەنە بۇ ئۇيغۇر قاچقۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن كىشىلەر بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىگە بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تېرورلۇققا چېتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئىلگىرىمۇ مۇشۇ خىل تۆھمەتلەر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، مىسىر، تايلاند ۋە مالايسىيا قاتارلىق جايلاردىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
مەكتۇبتا ئۇلار ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر قاچقۇنلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا يۈز بېرىۋاتقاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ جايلاردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ بۇ ئىشلارغا ئارىلىشىشى ھەمدە بۇنى توسۇپ قېلىشى لازىملىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە تەلەپ قىلغان.