تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن بولۇپ، 5-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. «كۈندىلىك ساباھ» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە نوغاي مەسچىتى ۋە خەلقئارا چوڭ بازارغا بارغاندا بۇ جايدىكى كۆرگەزمە زالىنى، پارچە سېتىش دۇكانلىرىنى، يېمەك-ئىچمەك بوتكىلىرىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ ئۆرنەكلىرىنى كۆرگەن.
ھالبۇكى تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى (TRT) نىڭ بۇ ھەقتىكى ۋىدىيو خەۋىرىگە قارىغاندا خاقان فىدان بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا بۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇن تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرگەندەك توپ-توپ ئۇيغۇرلارنى ياكى سېتىقچىلارنى كۆرمىگەن. ئەكسىچە ئادەمسىز كوچىلار، شالاڭ خېرىدارلىق دۇكانلار ۋە ئۆزى بىلەن ئۇچراشقان ھۆكۈمەت خادىملىرى زىيارەتتىكى ئاساسلىق مەزمۇن بولۇپ قالغان. ئەمما تۈركىيە «مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى» (MIT) نىڭ ئون نەچچە يىللىق رەھبىرى بولغان، شۇنىڭدەك تاشقى دۇنيادا «ئەردوغاننىڭ ئىزباسارى» دەپ قارىلىۋاتقان خاقان فىدان بىردەك «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بەكمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ» دەپ قارالماقتا.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى خاقان فىدان يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز ۋە پارتىيە سېكرېتارى ما شىڭرۇي بىلەن مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە ما شىڭرۇي نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتىكى «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى»، «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتى»، شۇنىڭدەك «مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا ئىقتىسادى جەھەتتە قانداق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى» ھەققىدە ۋەز ئېيتقان. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتايغا توشۇلۇپ كېتىلىۋاتقان غايەت زور نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە باشقا بايلىقلار ھەققىدە سۆز قىلمىغان. خاقان فىدان بۇنىڭغا جاۋابەن ئۆزىنىڭ «بۇ جايدىكى جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن مەمنۇن بولغانلىقى، شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەت ۋە تىللارنىڭ ياخشى ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكى»، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىدىن تېخىمۇ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردا بارغانسېرى يۈكسىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىر ئىپادىسى 2023-يىلى چېڭدۇ شەھرىدە تۈركىيەنىڭ خىتايدىكى تۆتىنچى كونسۇلخانىنى تەسىس قىلىشىدا ئەكس ئەتكەن.