ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس، كورلا ۋە قەشقەردىمۇ نامايىشلار يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى دەرھال بېسىقتۇرۇپلا قالماي، «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش» تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 5 ج خ ئىدارىسى «فېڭچياۋ مودېلى» بويىچە ئىجتىمائىي تەرتىپنى تۈزەشنى قانات يايدۇرغان. ئۇلار «مىڭلىغان ساقچى ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرىش» تەلىپى بويىچە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، «پۇقرالارنىڭ قانۇن ۋە ئامانلىق ئېڭى قوغداش، ھەر ئىشتا ئاممىغا تايىنىش، ئاممىنى قوزغىتىش، ئاممىنى تەشكىللەش، زىددىيەتلەرنى ئاساسىي قاتلامدىلا ھەل قىلىش» خىزمىتى ئېلىپ بارغان.
ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، جايلاردا يۈز بەرگەن نامايىشلاردىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىشقا ھەر قانداق مەسىلىنى ئۆز جايىدىلا ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.
«ئاقسۇ خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 30-نويابىر كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت پۇقرالارنىڭ «ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى بەرپا قىلىش» قا ئاتلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىگە ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل ئەمەسلىكىنى، بەلكى پۇقرالارنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولغان.