قاماقتىكى خىتاي ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى پرېزىدېنت ترامپنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىكە چاقىردى

خىتاي قاماقخانىلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ تەن جازاسىنى توختىتىش، ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

18‏-ماي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتى چاقىرغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، خىتاي قاماقخانىسىدىكى ئادۋوكات جياڭ تيەنيۇڭ، تاڭ جىڭلىڭ، شيې ياڭ، تەيۋەنلىك پائالىيەتچى لى مېڭچى قاتارلىقلارنىڭ ئاياللىرى گۇۋاھلىق بەرگەن. ئادۋوكات لى خېپىڭ بىلەن ۋاڭ چۈەنجاڭنىڭ ئاياللىرى ۋېدىئو ئارقىلىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا سۆز قىلغان. يىغىندا، جياڭ تيەن يۇڭنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ 6 ئايدىن بېرى ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغانلىقىنى، يېقىندا ئۇنىڭ تەن جازاسغا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن ئاز كەم 2 يىل ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنىپ، يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن ئادۋوكات لى خېپىڭنىڭ ئايالى، ئېرىنىڭ ئازكەم 2 يىللىق قاماقخانا ھاياتىدا قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

جياڭ تيەنيۇڭ بىلەن لى خېپىڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بەزى سەزگۈر دىلولارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان. جيەڭ تيەنيۇڭ 2009 ‏-يىلى ئۈرۈمچى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئالاھىدە سوت كوللىگىيەلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەقەدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى مەخپىي سوتلىشىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، بۇ سوتلارنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە، خىتاينىڭ قانۇن تەرتىپلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئادالەتسىز سوتلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

خىتاي 2015‏-يىلى7‏-ئايدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىغا مەملىكەت خاراكتېرلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاپ، نۇرغۇن ئادۋوكاتنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. يىغىندا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىستوفىر سىمىس، پرېزىدېنت ترامپ ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنسنىڭ ئادۋوكاتلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن دەرھال كۆرۈشۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.