ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرسىتوفېر سىمىسنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە ئەلچى تەيىىنلەش قانۇن تۈزىتىش لايىھەسى 1-ئىيۇل ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان. مەزكۇر قانۇن تۈزىتىش لايىھەسى «ئامېرىكانىڭ يەر شارىدىكى رەھبەرلىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ماسلىشىش قانۇن لايىھەسى» گە كىرگۈزۈلگەن. كرىستوفېر سىمىس مەزكۇر قانۇن تۈزىتىش لايىھەسىنى يۇقىرىقى قانۇن بۈگۈن تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدا ئاۋازغا قويۇلۇشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
كرىستوفېر سىمىسنىڭ 1-ئىيۇل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ باشقا ۋەھشىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن تۈزىتىش لايىھەسى، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىگە مەسئۇل ئەلچى تەيىنلەپ، رايوندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىكىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى دەپسەندىچىلىككە ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ،» دېيىلگەن.
كرىستوفېر سىمىس مەزكۇرقانۇن تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ «خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوشۇمچە تەكشۈرۈش جىددىي تىرىشچانلىقىغا كۆرۈنەرلىك ھەم ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالاھىدە ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى، نازارەت قىلىنىشى، ساقچىلارنىڭ تەقىپلىشىگە ئۇچرىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى «تېرورلۇق، رادىكىاللىققا قارشى تۇرۇش» دەپ باھانە قىلىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملىشىش ئىكەن.