ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش قانۇن لايىھەسى ماقۇللاندى
2022.07.29
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى 28-ئىيۇل كۈنى مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك (chip) ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى گۈللەندۈرۈش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. بۇنىڭ بىلەن بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي ھالدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ ئالدىغا ئىمزا قويۇپ قانۇنغا ئايلىنىشقا يوللانغان.
CNN ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى كۆپ قىسىم كىشىلەر كۈتكەندەك بولغان. بۇ قانۇن لايىھەسى بويىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەۋەسىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇلارغا 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىدىكەن. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلارنى باشقا دۆلەتلەرگە قۇرۇشتىن توسۇپ قالىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىق سەۋىيىسى ناھايىتى يۇقۇرى بولغان بىر تۈر بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئۆزەكنىڭ يېرىمىغا يېقىنى ئامېرىكادا ياسىلىدىكەن. ئۆزەك بولسا ئاپتوموبىلدىن تارتىپ كومپيۇتېر ۋە تېلېفونغىچە بولغان بارلىق ئېلىكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ «مېڭە» سى قاتارىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «پەن-تېخنىكا ساھەسىنى مونوپۇل قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا خوجا بولۇش» تەك ئىستراتېگىيەسىگە ئەجەللىك زەربە بولىدىكەن. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئۆزەك ياساش ئىقتىدارى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ، خىتايدىكى سانائەت ساھەسى ئېغىر دەرىجىدە چەت ئەلدىن ئۆزەك ئىمپورت قىلىشقا تايىنىدىكەن. سابىق پرېزىدېنت دونالت ترامپ دەۋرىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىسقىغىنە ۋاقىت خىتايغا ئۆزەك ئېكىسپورت قىلىشنى توڭلىتىپ قويغاندا، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېلېفون ئىشلەپچىقارغۇچى «جوڭشىڭ» گۇرۇھى ۋەيران بولغىلى قىل قالغان ئىدى.