ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى - 2018» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە رەسمىي يوسۇندا سۇنۇلدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 14-نويابىر چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان ئەزاسى بوب مېنېنداز باشچىلىقىدا تونۇشتۇرۇلغان. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش، يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنى تاقاش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى ۋە ياكى ئامېرىكىدا قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سېلىش ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، بۇ ھەقتە تەدبىر ئېلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە باشلامچى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرغا قامىشىدا رول ئوينىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ چوقۇم جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى بوب مېنېنداز بولسا باياناتتىكى سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى «تولىمۇ رەزىل» دەپ تەكىتلىگەن ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى بۇ مەسىلىدە ئېنىق ۋە دائىمىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۈگۈن، 14-نويابىر كۈنى يەنە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىمۇ دۆلەت مەجلىس ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس ۋە توم سوززىلار باشچىلىقىدا يۇقىرىدىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قانۇن لايىھەسى بىرلا ۋاقىتتا تونۇشتۇرۇلغان.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ رەسمىي يوسۇندا ئېلان قىلىنىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلدى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسى ۋە ھاياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئىجابىي باشلىنىش، دەپ باھالىدى.