قارامايلىق ئانىلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى كەمسىتىشكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ باردى

يېقىندا 7 نەپەر ئۇيغۇر، بىر نەپەر قازاقتىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا ئايال چارامايدىكى 5000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاققا ۋاكالىتەن بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى كەمسىتىشكە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چاراماي نېفىت سىستېمىسى 2012‏-يىلى 12‏-ئايدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا بەزى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىشىغا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا چەكلىمە قويغان. ئەينى چاغدا ئۇيغۇر، قازاق ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چاراماي نېفىت ئىدارىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان بولسىمۇ، بىراق نارازىلىق ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەن.

شۇنىڭ بىلەن، پەرزەنتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئانىلار بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغان. 1‏-قېتىم بۇ يىل 2‏-ئاينىڭ 24-كۈنى 7 نەپەر ئۇيغۇر ئايال بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگو تەبىئىي گاز باش شىركىتىگە ئەرز قىلغان. بىراق مەزكۇر شىركەت ئۇلارنىڭ ئەھۋالنى «يەرلىك ئەمگەك كاپالەتلىك ئورگىنىغا ئىنكاس قىلىشى» نى تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىم 12‏-ماي كۈنى 7 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار ئايالغا يەنە بىر قازاق ئايال قېتىلىپ، 8 كىشى بېيجىڭغا كەلگەن. مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى، خىتاينىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىش سىياسىتى خەنزۇ ۋە ئىچكىرىلىك كۆچمەنلەرگە ئاشكارا يان بېسىپ، مىللىي كەمسىتىشنى تۈزۈملەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.