قارامايدىن بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار تەقىبگە ئۇچرىدى

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرمىغانلىقى ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن قارامايلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان ئون نەچچە كۈندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھالدا دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ تەقىب قىلىشىغا ئۇچرىغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ئۇيغۇر بىز تورىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قارىمايلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ قول تېلېفونلىرى دائىم ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان ياكى سىرتتىن كىرگەن تېلېفون ئېلىنمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. ئاتا-ئانىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدا تۇرغان ياكى سىرتقا تاماق يېگىلى چىققان مەزگىلدە ئۇلار نامەلۇم كىشى تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىۋېلىنغانلىقىنى ياكى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇلارنى نازارەت قىلىپ ماڭغانلىقىنى بايقىغان.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 28-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەرز ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ئاتا-ئانىلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن قارىمايدىن ئەۋەتىلگەن ئىككى نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ ئۇلارغا قارىمايدىن ئەرز ئۈچۈن كەلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.