خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېر تۈزۈمىگە ئائىت مەخپىي ھۆججەت ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
«قاراقاش ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان بۇ ھۆججەت 17-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخباراتلاردىن «CNN»، «BBC»، «Wall Street Journal» قاتارلىقلاردا شۇنداقلا يەنە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاۋازى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ۋە باشقا نۇرغۇن ئاخباراتلاردا كەڭ تۈردە خەۋەر قىلىندى. خەۋەرلەردە بىردەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەسچىتكە بېرىش، چەتئەلدىكى تۇغقىنى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىشكە ئوخشاش جىڭغا توختىمايدىغان سەۋەبلەر بىلەن لاگېرغا قامىغانلىقى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا قامىغانلىقىغا ئائىت كۈچلۈك پاكىتلار ئاشكارىلانغانلىقىنى بايان قىلغان.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى نىكولاس كىرىستوف 17-فېۋرال كۈنى تىۋىتتىرغا بۇ ھەقتە ئىنكاس يېزىپ: «خىتايغا ئائىت ئاشكارىلانغان يېڭى ھۆججەت شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىق چىگىش ۋە ھەتتا چەتئەل تور بەتلىرىنى بىلىپ-بىلمەي ئېچىپ قالغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا قامالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى. مەن بۇنى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق ئىنسانلارنى دىنى ئېتىقادى سەۋەبىدىن زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى، دەپ قارايمەن» دېگەن.
«قاراقاش ھۆججەتلىرى» دەپ ئاتالغان137 بەتلىك ھۆججەت خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق بىر ئىجتىمائىي رايوندىكى 650 دىن ئارتۇق ئائىلىگە چېتىشلىق 3000 دەك كىشىنىڭ ئارخىپى بولۇپ، ھۆججەتتە شۇ تەۋەلىكتىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، كۈندىلىك ھاياتى، يۈرۈش-تۇرۇشى، خاراكتېرى، ئىپادىسىدىن باشقا يەنە، لاگېرغا قامالغان ۋە كېسىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىسمى، ئۇلارنىڭ لاگېرغا قامىلىش ياكى كېسىلىپ كېتىشتىكى سەۋەبىگە ئائىت مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان.
CNN تېلېۋىزىيەسى ۋە BBC قاتارلىق خەۋەر ئورگانلىرى بۇ ھەقتە تارقاتقان بىر قانچە خەۋەر پروگراممىلىرىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل، ئادرىيان زېنز، فىرقەت جەۋدەت ۋە روشەن ئابباس قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى تارقاتتى.
تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز «CNN تېلېۋىزىيەسى» گە قىلغان سۆزىدە بۇ ھۆججەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم پاكىتلىقىنى بىلدۈرگەن. نۇرىي تۈركەل بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنى يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ سىياسەتلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.