خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەرزان باھالىق قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقى خىتاي ئۆزى تارقاتقان خەۋەرلەردىمۇ ئاشكارىلانماقتا.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» 17-دېكابىر ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پەقەت بىر كەنتىدىلا 16 كارخانا قۇرۇلغانلىقىنى، ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا خۇسۇسىي تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، دېھقانچىلىق قىلىدىغان ياكى ھۆنەر-كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنىڭ ھازىر بۇ زاۋۇتلاردا مۇقىم مائاشلىق ئىشچىلارغا ئايلانغانلىقىنى تەنتەنە بىلەن بايان قىلغان. خەۋەردە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىلىلىرى يۇقىرىقى بۇ زاۋۇتلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىپ «تاتلىق ھاياتقا ئېرىشتى» دىيىلگەن.
سەۋەبى بۇ كەنتتىكى ئاھالىلەر بىر-بىرىگە گىرەلەشكەن كەمپۈت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، پېچىنە-پىرەنىك زاۋۇتى ۋە شەربەت زاۋۇتى قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىك سانائىتىدە خىزمەت قىلدۇرۇلماقتىكەن.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئۇزۇنئېرىق كەنتىنىڭ ئەسلىدە ئىنتايىن نامراتلىقىنى، ئەمما بۇ كارخانىلارنىڭ كېلىشى بىلەن بۇ كەنتنىڭ «يەرلىكتىكى داڭلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش كەنتى» گە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش»، «مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىپ، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولۇش» دەپ تەرىپلەۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئەرزان باھالىق قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسى ئىكەنلىكى، قورامىغا يەتكەنلەر، ياشانغانلار ۋە لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ خىل زاۋۇتلاردا قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئۆيىگە قايتالمايدىغانلىقى، خالىغان جايغا بارالمايدىغانلىقى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن خەلقئاراغا كەڭ ئاشكارىلانماقتا.