ئىككى كۈندىن بۇيان تور بېكەتلىرىدە ئۈرۈمچى بۇلاق بېشى كوچىسىدىكى قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەن بالىنىڭ دوختۇرغا ئاپىرىلماي قانسىراپ ئۆلۈش ۋەقەسى مۇنازىرە قوزغىماقتا.
خىتاينىڭ چ چ تورى ۋە خەلقئارا ئاممىۋى تور بېكىتى فەيسبوك قاتارلىقلارغا يوللانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،47 - ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:30 دا ئۈرۈمچى بۇلاقبېشى كوچىسىدىكى كوچا ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېقىن جايدا،12 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى قاتناش ساقچىسىنىڭ ئاپتوموبىلى سوقۇپ يارىلاندۇرغان. تور بېكەتلىرىگە يوللانغان 3 مىنۇت ئەتراپىدىكى سىنالغۇدا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەتراپتىكى ئامما بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قاتناش ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتكەن. سىنالغۇ ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشتە «قاتناش ۋەقەسى بولۇپ 30 مىنۇتتىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى كېلىپ بالا دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىلغان بولسىمۇ، ئەمما بالىنىڭ زىيادە قانسىراش سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى» خەۋەر قىلىنغان.
ۋەقە ھەققىدە يېزىلغان ئىنكاسلاردا، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى بۇزماسلىقنى باھانە قىلىپ، قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، بىر ئۆسمۈرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقى، خىتايدا ساقچىلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتى بىلەن قىلچە كارى بولمايدىغان خاراكتېرى ئەيىبلەنگەن.