خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق قوللۇق سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى

مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدا ئۇنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلغان.

يۈ جىڭشىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ئوخشاشلا «دىنىي رادىكاللىق» قا داۋاملىق زەربە بېرىشنى، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قارشى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. چارشەنبە كۈنى ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يۈ جىڭشىڭنىڭ سۆزلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش ئۈچۈن قوش تىل ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇش ۋە دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېگەن.

خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشنى تەكىتلىشى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ئەمىنلىككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.