چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي بېسىمنىڭ چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى تەنقىد قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي پارتكوم سېكرېتارى چېن چۇەنگو «مۇقىملىق خىزمىتى تېلېۋىزىيە يىغىنى» چاقىرىپ، ھەرقايسى جايلاردا «بىرىكمە مۇشنى» قاتتىق ئېتىشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ يىغىننى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش باشلاش ئالدىدا يەنى، 30- ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەندە چاقىرىپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جەڭنى قەتئىي بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان.
ئۇ سۆزىدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بەرگەندە «قاتتىق زەربە بېرىش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاشتىكى ھالقىلىق پەيتنى ياخشى تونۇپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىملىق ھالىتىنى قەتئىي ساقلاشنى ۋە بۇ ئارقىلىق 18- ئۆكتەبىر كۈنى ئېچىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان 19- قۇرۇلتاينىڭ بېيجىڭدا ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش» نى تاپىلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەندىن بۇيان ساقچى قوشۇنىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىش، تەقىب ۋە قامالنى ئاشۇرۇش، ئىنتېرنېت ئۇچۇرنى قامال قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى «ساقچى دۆلىتى» گە ئوخشىتىپ قويدى، دەپ ئۇنى ئەيىبلىمەكتە.
بىراق، يۇقىرىدىكى سۆزلەر ئۇنىڭ بۇ سىياسەتلىرىدىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ۋاز كەچمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.