ئادرىيان زېنز جونس خوپكىنېس ئۇنىۋېرسىتېتىدا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى» ھەققىدە دوكلات بەردى

ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خىتاي تەتقىقاتى دىرېكتورى، ئۇيغۇر لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنز 29-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان جونس خوپكىنېس ئۇنىۋېرسىتېتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىجاد قىلغان يېڭىلىقى، سىياسىي تەجرىبىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قايتا تەربىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانلىرى» دىن دوكلات بەرگەن. يىغىندا ئادرىيان زېنز ئۆزىنىڭ يېقىندا تەييارلىغان «يېڭىلىق يارىتىش باستۇرۇشى: سىياسەت تەجرىبىسى ۋە بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى» ناملىق تەتقىقات دوكلاتىنى سۇنغان. مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا دوكتور زېنز بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ «ئىجادىي خاراكتېرلىك يەرلىك سىياسەت تەجرىبىسىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، كومپارتىيە دۆلىتىنىڭ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك ئېتنىك نارازىلىقنى «رادىكاللىق» ۋە زور «دۆلەت بىخەتەرلىكى تەھدىتى» دەپ بېكىتىشى «باستۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش» ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن.

زېنز، «شىنجاڭ سىياسىي جەھەتتە ئىنتايىن سەزگۈر رايون بولسىمۇ، ئەمما (خىتاي) مەركىزى ھۆكۈمىتى يۇقىرى قاتلىمىنىڭ قوللىشىدا، بېيجىڭ يەنىلا ‹قاتلاممۇ-قاتلام سىياسىي تەجرىبە قىلىش› شەكلىنى قوللىنىپ، مەخسۇسلاشقان قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى ئارقىلىق «رادىكاللىقنى تۈگىتىش» نىڭ كەڭ كۆلەمدىكى يەرلىك ئۇسۇللىرىنى شەكىللەندۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئادرىيان زېنز 29-ئاپرېل جون خوپكىنېس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىپ ئارقىدىنلا 30-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىدىكەن. ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا گېرمانىيە شىركەتلىرىدىن ۋولكىسۋاگېن بىلەن BASF خىمىيە شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.