تايلاند تۈرمىسىدە قەپ قالغان ئۇيغۇرلار باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىدىن قاتتىق ئۆكۈنگەن

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىدىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ دىققىتى تايلاندتا قەپ قالغان بىرقانچىلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا مەركەزلەشمەكتە.

رادىيومىز «بېنار خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند تۈرمىسىدە ھېلىھەم يېتىۋاتقان 4 ئۇيغۇر 28-فېۋرال جۈمە كۈنى ئۇلارنى يوقلاپ بارغان بىر دوستىدىن 40 نەپەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ بىر كۈن ئاۋۋال خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كۆڭلى قاتتىق بۇزۇلغان. بۇ كىشىنىڭ «بىنار خەۋەرلىرى» گە ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆز يېشى تۆككەن. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى 11 يىلدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، ب د ت دىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغىچە، ئاۋسترالىيەدىن كاناداغىچە، ئەنگلىيەدىن فىرانسىيەگىچە نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. 28-فېۋرال تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنى يوقلاپ بارغان 37 ياشلىق مارزېريا ئىسىملىك بۇ كىشى، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قارمىقىدىكى «بېنار خەۋەرلىرى» گە سۆز قىلىپ، «ئۇلار 40 دوستىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلى قاتتىق بۇزۇلدى» دېگەن.

مارزېريانىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇلار ھېچقاچان يىغلاپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم يىغا-زارە قىلىشقان». مارزېريا، ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، باڭكوكنىڭ كلوڭ پرېم تۈرمىسىدە 5 نەپەر ئۇيغۇر يېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ كىشىلەر ئىلگىرى كۆچمەنلەر مەركىزىدىن قېچىپ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن، قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان. مارزېريانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 28-فېۋرال كۈنى بۇ كىشىلەرنى تۈرمىگە يوقلاپ بېرىپ، ئۇلاردىن تۆت كىشى بىلەن كۆرۈشكەن.

نۆۋەتتە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك، بەزى ئۇچۇر مەنبەلىرى جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن بۇ كىشىلەرنىڭمۇ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىۋاتقان پەيتتە، تايلاندتا دائىرىلىرىنىڭ قەپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلارنى بولسىمۇ، خىتايغا قايتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ۋولكېر تۈرك 27-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

«بېنار خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، تايلاند باش مىنىستىرى شىناۋاترا، خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۆز ئىختىيارلىقى» بىلەن قايتقانلىقىنى، شۇڭا تىركىشىش بولمىغانلىقىنى، «ئۇلارنىڭ ئادەتتىكىدەك چىقىپ ئايروپىلانغا ئولتۇرغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مارزېريا، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتقانلىقىنى رەت قىلغان. ئۇ، «ئۇلار قايتىشنى خالىمايتتى. ئۇلار بىزدىن 3-دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىزنى ئۆتۈنگەن ئىدى» دېگەن.