يېقىندا يېڭى زېلاندىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى مەزكۇر ئەلدىن سىياسىي پاناھلىق سورىغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىشنى قارار قىلغان.
بىراق، يېڭى زېلاندىيە سوتى ئۆتكەن ھەپتە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلسە دىنىي ۋە ئىرقىي سەۋەبلەر بىلەن جازالىنىشتىن ئەنسىرىشى ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
يېڭى زېلاندىيە «تىمارۇ خەۋەرچىسى» ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئائىلىنىڭ 4 ۋە 11 ياشلاردا ئىككى پەرزەنت بار بولۇپ، ئەر-ئايال ئىككىيلەن 2012-يىلنىڭ باشلىرى يېڭى زېلاندىيەگە قېچىپ چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. خەۋەردە ئۇلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق ئەر-ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر شەھەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسى جازالانغان، ئېرى ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە تەربىيە بەرگەچكە جازالىنىپ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن يىراقلاشتۇرۇلغان، ئايالى 2-پەرزەنتىگە بالدۇر ھامىلىدار بولغانلىق سەۋەبىدىن ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە مەجبۇرلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلار بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە چېتىشلىق، دېگەن گۇمان بىلەن نازارەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇرسەت تېپىپ يېڭى زېلاندىيەگە قېچىپ چىققان.