ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى باشقا دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.
«ئەل-ئەرەبىيە» گېزىتىنىڭ 26-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى باياناتى تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا 3 نەپەر ئۇيغۇر ئايال بىلەن 2 بالىنى تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرگە قارىتا ئېلان قىلىنغان. رادىيومىز ئۆتكەن يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن زىننەتگۇل تۇرسۇننىڭ يۇرتى قورغاس ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىڭەنلىكى، لېكىن ھازىرغىچە ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلۇقى، ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتىنىڭ مومىسىغا بېرىلگەنلىكىنى ئېنىقلىغان ئىدى.
ئەڭىلىيەنىڭ «تېلېگراف» گېزىتى 26-ئىيۇل زىننەتگۈل تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ بىلە تەڭ قايتۇرۇلغان قۇۋانخان ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالنىڭ ۋەقەسىنى خەۋەر قىلدى. «تېلېگراف» گېزىتى «تۈركىيە ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى بۇزماي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خىتايغا قانداق قايتۇرۇۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋىرىدە پرېزىدېنت ئەردوگاننىڭ مۇسۇلمان ئۆكتىچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن بۇرۇن 3-دۆلەتكە ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىشىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ئەل-ئەرەبىيە» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 27-ئىيۇل كۈن «ئامېرىكا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە، چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىپ، ئېنىقسىز تەقدىرگە مۇپتىلا قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ،» دېگەن.