ھىندونېزىيەدە قاماق جازاسى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ھىندونېزىيەگە كېلىشتىن 2-3 كۈن بۇرۇن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 30-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھىندونېزىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارى 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مايك پومپېيو كېلىشتىن 2-3 كۈن ئاۋۋال «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مەخسۇس ئايروپىلانىدا خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ھىندونېزىيە زىيارىتىدە ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا قارشى ھەق مەيداندا تۇرۇشقا چاقىرغان.
ئۇ 29-ئۆكتەبىر ھىندونېزىيەدىكى بىر مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ ياشلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، مۇسۇلمانلارنى «يۈرىكىگە قولىنى سېلىپ بېقىشقا، پاكىتلارغا قاراشقا، قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كەچمىشىنى ئاڭلاپ بېقىشقا» چاقىرغان ئىدى. لېكىن «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ تەكىتلىشىچە، ھىندونېزىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارى خىتاي بىلەن تۈركىيەدىن بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئۆز پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى، «پەقەت خىتايلا ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.
بۇ ئەمەلدارنىڭ تەكىتلىشىچە، «ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئىكەن.» لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى «رەھىمسىزلىك» دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى برەد ئادامس: «ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىم زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ كىشىلەرنى زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن قوغداش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئورنىغا رەھىمسىز بىر قارار چىقارغاندەك قىلىدۇ،» دېگەن.