«ئوتتۇرا شەرقنىڭ كۆزى» تورىنىڭ 3-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرە ھەج قىلغىلى كەلگەن ئۇيغۇر ئۆلىماسى ھەمدۇللا ۋەلى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ئۇ خىتايدىكى ۋاقتىدا ئىككى قېتىم تۇتۇلغان بولۇپ، كېيىن خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەنىكەن. تۈركىيەدە ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك تۇرۇش ئىقامىتى بار ئىكەن.
ئۇنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەككىگە بارغاندا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ۋەز-تەبلىغ قىلغان بولۇپ، خىتايلار بۇنى ئاڭلاپ قالغاندىن كېيىن قاتتىق غەزەبلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۇنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاز دېگەندە بەش ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى رادىيومىزدا خەۋەر قىلىنغانىدى. ھەمدۇللا ۋەلىمۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق قىسمەتكە يولۇقۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە ئىكەن.