خىتاي دائىرىلىرى سانجىدا بىر قازاق ئىمامنى 7 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان

خىتاي دائىرىلىرى سانجى ئوبلاستى چىتەي ناھىيەسىدە بىر يېزا مەسچىتىنىڭ قازاق ئىمامىنى «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى تەرغىب قىلدى، دەپ قولغا ئېلىپ، 7 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان.

بىر قازاق پۇقراسىنىڭ چارشەنبە كۈنى رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، چىتەي ناھىيەسىدىكى قازاق يېزىسىنىڭ ئىمامى رىزات ئېرىسقان بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋۋال قولغا ئېلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قازاقلارغا نىسبەتەن كەڭ قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ پەرقلىق پىكىردىكى قازاقلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ قوپاللىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يۇقىرىقى قازاق پۇقراسى رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، رىزات ئېرىسقاننىڭ مەزكۇر يېزىدىكى بىر قازاق پۇقراسىنىڭ جىنازا نامىزىدا تەبلىغ سۆزلىگەنلىكى، بىراق ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ تەبلىغىدە ئىسلامى رادىكاللىق خائىشى بار، دەپ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چىتەي ناھىيەسىنىڭ مەزكۇر يېزىسىدىكى بىر قازاق پۇقراسى چارشەنبە كۈنى رادىيومىزغا، رىزات ئېرىسقان قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئادىل ئىسىملىك بۇرۇنقى ئىمامى قازاقىستانغا قېچىپ كەتكەن. بۇ يەرلىك قازاق پۇقراسى، ئادىل ئىمامنىڭ ھازىر ئاستانادا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. رادىيومىزغا ئۇچۇر بەرگەن يۇقىرىقى قازاق پۇقراسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر يەنە، بۇ يىل 28‏-ماي كۈنى قۇتۇبى ناھىيەسىدە پولات شاكەن ئىسىملىك بىر قازاقنى، بۇ يىل 4‏-ئايدا چىتەي ناھىيەسىدە ئىمام رىزات ئېرىسقان بىلەن بىر يېزىلىق ئادال كەنجىباينى قولغا ئالغان. ئۇلار قازاقىستاننىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە دائىر ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغان.

مەزكۇر قازاق پۇقراسى رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا يەنە، گەنسۇنىڭ لىنشيا شەھىرىدىكى بىر تۇڭگان مەسچىتىگە بېرىپ، قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇۋاتقان ئىككى قازاق قىزنىڭ بۇ يىل 28‏-ئاپرېل قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئالتاي جىمىنەيلىك سەلتەنەت مۇرات بىلەن ئالتۇنگۈل كەنجىبولاتنى جىمىنەي ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى لىنشياغا ئادەم ئەۋەتىپ، جىمىنەيگە قايتۇرۇپ كەلگەن.