رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ 23-نويابىر كۈنى ئېنىقلىشىچە، جىمىسار ناھىيەسىدىكى قازاق ئىمام قۇسمان رەھىم بۇ يىل 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ناھىيەلىك سوت تەرىپىدىن «قانۇنسىز نىكاھ ئوقۇغان» دەپ ئەيىبلىنىپ بەش يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
قۇسماننىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئىنىسى بىلالنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئاكىسى 2021-يىل ئىماملىقتىن ئىستېپا سورىغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇش شامىلىدىن قېچىپ قازاقىستاندا پاناھلىنىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلمىغان. ئۇ بۇ يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى بىرىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ساقچىلار ئۇنى «ئۆيىدىن قۇرئان چىققان ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە ئىككى مەيدان نىكاھ ئوقۇغان» دېگەن سەۋەب بىلەن تۇتۇپ كەتكەن. 11-ئاينىڭ 17-كۈنى جىمىسار ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى يېپىق سوت ئېچىپ، قۇسمانغا بەش يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ھەمدە 30 مىڭ سوم (تۆت مىڭ دوللاردىن كۆپرەك) جەرىمانە قويغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاشكارىلىغان مەلۇماتقا قارىغاندا، ئۆتكەن يىل 8-ئايدىن 10-ئايغىچە خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە 7000 دىن كۆپ ئۇيغۇر قۇرئاننى ئىچىدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا جەرىمانە تۆلىگەن، 80 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «خەلق گېزىتى» بۇ يىل 7-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا «جەمئىيەت مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاپەتلەرنى تازىلاش» ، يەنى «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى يەنىلا دىنىي ساھەدىكىلەر بولغانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ھازىر قازاقلارنى بۇرۇنقىدەك كەڭ كۆلەمدە تۇتمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق نازارەت قىلىدىكەن. قازاقىستاندا تۇغۇلغان قازاقلار ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ كېلەلەيدىكەن؛ ئەمما ئۇيغۇر رايونىدىن كۆچۈپ بارغانلار گەرچە قازاقىستان پۇقراسى بولسىمۇ، تۇغقانلىرىنى كۆرگىلى بارسا قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە تەھدىتكە ئۇچرايدىكەن؛ ھەتتا بەزىلىرى تۇتقۇن قىلىنىدىكەن ۋە قازاقىستانغا قايتىپ بارالمايدىكەن.