خىتاي دائىرىلىرى قازاقلارنىڭ يىغىۋالغان پاسپورتى ۋە قازاقىستان يېشىل كارتىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ خىتاي پاسپورتى ۋە بەزى قازاقلارنىڭ قازاقىستان يېشىل كارتىنى يىغىۋېلىشى، قازاقىستانلىق قازاقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

بەزى يەرلىك قازاق پۇقرالىرىنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى ئالاقىدار يەرلىك ئورگانلارغا دۈشەنبە كۈنى جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، قازاقلارنىڭ يىغىۋېلىنغان خىتاي پاسپورتى ۋە قازاقىستان يېشىل كارتىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان. بىراق، بۇ قارارنىڭ «باشقا مىللەتلەر»نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەرلىك قازاق پۇقرالىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر قازاق پۇقرالىرىنىڭ پاسپورت ۋە يېشىل كارتىنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلىگەن.

سەيشەنبە كۈنى بەزى قازاق زىيالىيلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئالماتادا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنى قازاقلارغا مىللىي بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن دەرھال خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، قازاقلارنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئاخبارات يىغىنى 21‏-ئىيۇن ئاستانادا باشلانغان «دۇنيا قازاقلىرىنىڭ 5‏-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى» ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

بىر قازاق پۇقراسىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئالماتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، «دائىرىلەرنىڭ قازاق ياشلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھەر خىل تەھدىتلەرنى سېلىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقى، كىشىلەرگە ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 2-3 يىل ئاۋۋال ئۇيغۇر رايونىدا پاسپورت ئىشلەشنى قويۇۋېتىپ، يەرلىك پۇقرالارنى پاسپورت ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن باشلاپ بارلىق پۇقرالارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىپ، چەتئەلگە چىققان بەزى ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشقا باشلىغان ئىدى.