قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭ بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى

خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا كەك كۆلەملىك سىياسىي تەقىب ۋە قولغا ئېلىنىشقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاساسىي يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

29-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىگە «خىتايدىكى قازاق پۇقرالىرى ھەققىدىكى يالغان خەۋەرلەر ھەققىدە بىر قانچە ئېنىقلىما» ناملىق بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا بىر قىسىم مەتبۇئات ۋە تور بەتلەرنىڭ خىتايدىكى قازاق پۇقرالىرى ھەققىدە يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىپ، قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەمدە كۆپچىلىكنى بۇ خەۋەرلەرگە ئىشەنمەسلىككە ۋە ئۇنى تارقاتماسلىققا چاقىرغان.

ھالبۇكى، بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 28-نويابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاقىلبېك كامالىدىنوفنىڭ خىتاي تەرەپكە «قازاقىستان خىتايدىكى قازاقلاردىن كۆپلەپ نارازىلىق ئەرزى تاپشۇرۇۋالدى،» دېگەنلىكىنى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ئاساسلىق مۇشۇ مەسىلىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. باياناتتا يەنە كامالىدىنوۋنىڭ كېلەر ئايدىكى خىتاي زىيارىتىدىمۇ مۇشۇ مەسىلىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

رادىيومىزنىڭ يەرلىكتىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئەمدى ئۇيغۇرلاردىن ھالقىپ، رايوندا ياشاۋاتقان قازاق ۋە قىرغىزلارغىمۇ ئوخشاش كۈلپەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى «دىپلومات» ژورنىلىمۇ مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلدى.

ئەمما قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا خىتاي پۇقرالىرىغا چېتىلىدىغان ئىشلارنىڭ خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، «ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلۇقى» ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.