قازاقىستان مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى يىللاردا مەملىكەتتە رۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئاھالىلارنىڭ باشقا مەملىكەتلەرگە كېتىش دولقۇنى قوزغىلىپ، 1991 - 1998 - يىللىرى ئارىسىدا ئىككى يېرىم مىليون ئاھالە قازاقىستاندىن كەتكەن بولسا، 1999 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، قازاقىستاندىن كېتىش ئەھۋالى ئازلىغان.
«365ئىنفو.ك ز» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئانالىز ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستاندىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەتقىقات مەركىزى - «ئىستراتېگىيە»نىڭ تەتقىقاتچىسى ئولگا سىماكوۋا رۇس ئاھالىسىنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسىدە، 60% تىن ئارتۇق رۇس ئاھالىسىنىڭ ھېچ يەرگە كېتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
قازاقىستان يېڭى مۇستەقىل بولغاندا رۇسلار، ئۇكرائىنلار ۋە باشقىلارنىڭ كېتىش ئەھۋالى يۇقىرى بولۇپ، كېيىنكى بەش يىلدا قازاقىستاندىن كەتكەن رۇسلارنىڭ سانى 104 مىڭغا يېتىپ، ئۇلارنىڭ كېتىش ئەھۋالى دەسلەپكى يىلدىكىدىن ئازلىغان. ئەمما، يەنىلا 40% ئادەم كۆچۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندا، بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى رۇسلار، ئۇكرائىنلار، گېرمانلار ۋە باشقا ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ ئاھالىلارنىڭ رۇسىيە ھەم باشقا دۆلەتلەرگە كېتىش ئەھۋالى يۇقىرى بولغان ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىچىدە قازاقىستان رۇس ئاھالىسى ئەڭ كۆپ جايلاشقان دۆلەت بولۇپ، قازاقلارنىڭ مەملىكەتتىكى نىسبىتى ھازىرقىدەك يۇقىرى ئەمەس ئىدى. ھازىر، قازاقلارنىڭ نىسبىتى 63% كە يېتىپ، رۇسلارنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ، 23 % چۈشكەن.