ئۆتكەن ھەپتە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىككى مەشھۇر سەنئەتكارى، نۇربۈۋى مەمەتوۋا ۋە گۇلۋىرە رازىيېۋانىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر سەنئىتىگە ئائىت پەرۋاز تورىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 27 - ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئارتىسى دېگەن ئالىي نامغا سازاۋەر بولغان پۈتۈن قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە تونۇلغان نۇربۈۋى مەمەتوۋانىڭ 80 ياشلىق خاتىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەن. پائالىيەتتە نۇربۈۋى مەمەتوۋا ئۇزۇن يىللار خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى تارمىقىدىكى < ناۋا»ناخشا - مۇزىكا ئانسامبىلى، بىلەن ئۇسۇل گۇرۇپپىسى«رۇخسارى» نىڭ ئارتىسلىرى نۇربۈۋىنىڭ ناخشىلىرىنى ئورۇندىغان نۇربۈۋى مەمەتوۋا ئاساسلىقى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى، مىللىي ئۇسلۇبتىكى ناخشىلارنى ئېيتىپ داڭ چىقارغان.
«ئۇيغۇر ئاۋازى»گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئالدىنقى جۈمە كۈنى نۇربۈۋى مەمەتوۋا بىلەن ئوخشاش قازاقىستاندا ناخشا ساھەسىدە شۆھرەت قازانغان تۆھپىكار ناخشىچىسى گۈلۋىرە تۇرسۇن قىزى رازىيېۋانىڭ 80 يىللىق مۇراسىمى ئالمۇتا شەھىرىدىكى دوستلۇق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا ئالمۇتا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى، قازاقىستان پارلامېنتى ۋە مىللەتلەر كېڭىشىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت نامىدىن ئۇنىڭ قازاقىستان سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلىگەن.
نۇربۈۋى مەمەتوۋا ۋە گۈلۋىرە رازىيېۋالارنىڭ ناخشىلىرى - 1980 - 1960يىللاردا تاشكەنت رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىياردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ياخشى تونۇشلۇق بولغان ئىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىلا ئۇيغۇر تىياتىرلىرى قۇرۇلۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلار تاشكەنت ۋە ئالماتادا پائالىيەت قىلغان ئىدى. مەشھۇر ئۇيغۇر كومپوزىتورى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بىردىنبىر كەسپىي ئۇيغۇر مۇزىكا، ئۇسۇل ۋە دراما تىياتىرىدۇر.