قازاقىستاندا قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركمەنىستان دائىرىلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 20 - ئىيۇل قازاقىستان بىلەن بولغان چېگراسىنى بەش كۈن تاقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان قازاقىستان ماڭغىستاۋ رايونىدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ تۈركمەنىستاننىڭ يۇقىرىقى قارارىنى دەلىللىگەن.
ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «تۈركمەنىستان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى، شۇڭا چەتئەل پۇقرالىرىنىڭ كېرىشىنى بەش كۈن توختىتاتتى.»
ئۇلار يەنە پەقەت ماڭغىستاۋ رايونىدا ياشايدىغان قازاق پۇقرالىرىنىڭلا تۈركمەنىستاننىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى يېزىلىرىغا ۋىزىسىز 5 كۈن بارالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركمەنىستان قازاقىستاننىڭ كاسپىي دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان ماڭغىستاۋ رايونى بىلەن چېگرىلىنىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆ - ئارا تۇتىشىدىغان ئومۇمىي چېگراسى 413 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
تۈركمەنىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم قازاقىستان بىلەن بولغان چېگراسىنى تاقاش قارارىغا زادى نېمە سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما، بۇ قارارنىڭ قازاقىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسىگە ئەگىشىپلا ئېلان قىلىنىشى دىققەت چەكمەكتە.
19 - ئىيۇل قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە بىر قوراللىق ئادەم ساقچى ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا 3 ساقچى خادىمى ۋە بىر پۇقرانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن.
گۇماندار ھۇجۇمدىن كېيىن ماشىنا بىلەن قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، كېيىن قولغا چۈشكەن ئىدى.
قازاقىستان پرېزىدېنتى بۇ ھۇجۇمنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئاتىغان ئىدى.