قازاقىستان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىشكە ئىنتىلمەكتە

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىسىمى جايلاشقان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلىنىۋاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان قازاقىستاندىكى ياش ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىشكە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

پەرۋاز سەنئەت تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالماتادىكى ئۇيغۇر ئۆسمۇرلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۇسۇل «دىلبەر» ئانسامبىلى 2 - ئايدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان خەلقئارالىق ئۇسۇل فېستىۋالىغا قاتنىشىشقا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇسۇل ئانسامبىلى بىر قېتىم خەلقئارالىق «ئۇمىد» بالىلار فېستىۋالىدا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىكەن.

قازاقىستاندىكى ياش ناخشچىلاردىن ئۇيغۇر قىزى مۇشتەرى ئىسمايىلوۋانىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى ساداسى» مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى قازاقىستان ياش ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغان ئىدى. بۇ ھەم قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىكى ناخشا مۇسابىقىسگە قاتنىشىشى ئىدى. ئالماتادا تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر قازاقىستان ئۇيغۇر ياش تالانتلىرى ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ئانا ۋەتىنىگە بېرىپ، ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىش قىزىقىشى كۈچەيگەن ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى ناخشچىلارنىڭ ئالماتاغا بېرىپ كونسېرت بېرىشى كۆپەيگەن بولۇپ، مۆمىنجان ئابلىكىم، ئابدۇللا ۋە باشقىلار ئورۇندىغان ناخشىلار قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن.

1990 - يىللاردا قازاقىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئارتىسلىرىدىن مۇرات ئەھمىدى، رۇشەنگۇل ئىلاخۇنوۋا ۋە باشقىلار ئۇيغۇر دىيارىدا ئايلىنىپ كونسېرت بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.