ئۇيغۇرلار ئۆز ئالىمىنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈردى


قازاقىستاننىڭ يەتتىسۇ ۋادىلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن 20 - ئەسىردە كۆپ ساندا مەشھۇر سىياسەت، مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن ۋە جامائەت ئەربابلىرى يېتىشىپ چىققان ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا پۈتۈن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىلىم ساھەسىگە تونۇلغان ئالىملارمۇ بار بولۇپ، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، تېخنىكا پەنلىرى دوكتورى مەرھۇم يارمۇھەممەد مۇبارەكوف ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر.

يېقىندا مەرھۇم ئالىمنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى، ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتىسۇدىكى قەدىمىي يېزىلىرىدىن بىرى كەتمەن يېزىسىدىكى ئۇنىڭ ئۆيىگە مەخسۇس خاتىرە تاختىسى ئورنىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. قازاقىستاندا چىقىدىغان ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر ئاكادېمىكنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم رەھبىرىي شەخسلىرى، كەتمەندىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، مەرھۇم ئالىمنىڭ قېرىنداشلىرى، دوستلىرى ئىشتىراك قىلغان.

يارمۇھەممەد مۇبارەكوف 1990 - يىللاردا ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكىلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تېخنىكا ئىلمى ۋە ماتېماتىكا - فىزىكا ساھەسىدە زور شۆھرەت قازانغان ئالىمغا ئايلانغان ئىدى.

ئۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈچۈن ئەبۇ رەيھان برۇنى مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان.