يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياشۇناسلىرىدىن بىرى پروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدىنىڭ «مۇستەقىل قازاقستان ئۇيغۇر پوئىزىيىسى» ناملىق مونوگرافىياسى نەشىر قىلىندى. مەزكۇر ئىلمىي تەتقىقات قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىكىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېزىلىپ، ئۇنىڭغا قازاق ئاكادېمىكلىرىدىن ۋەلىخان قالىجان رەھبەرلىك قىلغان.بىر قانچە قازاقىستان ئالىملىرى كىتابقا پىكىر سۆزى يازغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ھەققىدىكى مەخسۇس ئىلمىي تەتقىقات خاراكتېرلىق ئەسەرلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، 1960 - ۋە 1980 - يىللاردا ئىككى قېتىم «سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» نامى ئاستىدا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىرى تەرىپىدىن ئىككى مونوگوراپىيە نەشىر قىلىنغان ئىدى. بۇ ئەسەرلەردە سوۋېت، جۈملىدىن قا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن تاكى 80 - يىللىرىغىچە بولغان ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،جۈملىدىن زامانىۋى شېئىرىيىتى تاشكەنتنى مەركەز قىلغان ھالدا يۇقىرى دەرىجىدە راۋاجلانغان بولسا، ئۇنىڭ ئىككىنچى دەۋرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 - 80 - يىللىرى ئارىسىدا قازاقىستاندا يارىتىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، قازاقىستان خەلقلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغا مەزكۇر تەتقىقات ئۈچ باپتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇنىڭدا زامانىۋى ئۇيغۇر پوئىزىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي - مەدەنىي ئىزاھى، شېئىرىيەت ئەقىملىرى بىلەن مودېرنىزم مەزمۇنىدىكى شېئىرىيەت ۋە باشقىلار ئانالىز قىلىنغان.