قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يىگىتى ئاسىيا مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.02.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى»گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بويىچە ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىدە قازاقىستان دۆلەت ۋەكىللىرى قاتارىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىنىڭ بىرى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالتۇن مېدال ئالغان ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئىسمى رۇسلان لبىروف ئىكەن.

مەزكۇر ئاسىيا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىگە قازاقىستاندىن 10 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، يەنە بىر ئۇيغۇر يىگىتى ئۆمەرجان ئىدىللايېف مۇسابىقىدە ئۈچىنچى بولۇپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى.

«ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مۇسابىقە ئىراننىڭ زاھىدا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەمما خەۋەردە مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي تەپسىلاتى بېرىلمىگەن.

مەزكۇر ئىككى ئۇيغۇر يىگىتى ئالماتىغا قايتقاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇللىرى، كەسىپداشلىرى، قوللىغۇچىلىرى ھەم ئائىلە ئەزالىرى ئالماتا شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش ۋە تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

مۇراسىمدا سۆز قىلغان قازاقىستاننىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىسى، كۆپ قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيونى،مەشقاۋۇل ئالىك جەلىلوف ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەر قانداق جايدىكى مۇسابىقىلەردىن قۇرۇق قول قايتمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالتۇن مېدال ساھىبى رۇسلان لېبىروف ئائىلىسىدىكى ئوغۇللارنىڭ ئىككىنچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە ئۈچ ئىنىسى ئوخشاشلا يەكمۇ - يەك ئېلىشىش ماھىرلىرى ئىكەن. دېمەك، بىر ئائىلىدە بەش تەنھەرىكەتچى بار ئىكەن.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن 1970 - 1980 - يىللاردا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى , ياۋروپادا ۋە ئامېرىكا كۆپ قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ بوكس چېمپىيونى بولغان ۋە كېيىن داڭلىق كىنو ئارتىسىغا ئايلانغان ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، دۇنيا چېمپىيونى زاكىر توختىيېۋ ۋە باشقا ئونلىغان چېمپىيونلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋە قازاقىستانغا شەرەپ كەلتۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.