قازاقىستان دائىرىلىرى ئالمۇتا ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ نامىنىڭ ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان «بۈگۈنكى ئۇيغۇر» تورىنىڭ قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدىن تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر ناھىيىسى» نامىنىڭ ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقىنى ئالمۇتا ۋىلايىتى ۋالىيسى ئاماندىق باتالوف ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئېيتقان. مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسى نامىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە گەپ-سۆزلەر بارلىقى، بۇ ھەقتە ئۇنىڭ قانداق پىكىردە ئىكەنلىكىگە ئائىت سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئالمۇتا ۋىلايىتى ۋالىيسى «بۇنداق مەسىلە ھازىرچە ئوتتۇرىغا چىقمىدى ۋە چىقمايدۇ. بەلكى كەلگۈسىدە بۇ مەسىلە پەيدا بولۇشى مۇمكىن، بىراق ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىز بۇنى قاراپ چىقمايمىز» دېگەن.
ئۇيغۇر ناھىيىسى، ئادەتتە «ئۇيغۇر رايونى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەزكۇر مەمۇرىي رايوندا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇ ئىلى دەرياسى بىلەن كەتمەن تاغلىرى ئارىسىغا جايلاشقان ھەمدە ئۇنىڭدا 1881-1883-يىلى ئىلى دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىلا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار كۆپلىگەن كەنتلەرنى بەرپا قىلغان ئىدى. 2016-يىلى قازاقىستان دۆلەت سانلىق مەلۇماتى بويىچە بۇ ناھىيىدە 63 مىڭ نوپۇس بار بولۇپ، بۇ يەردە 35 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ ۋە ئاھالىنىڭ 56% نى تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭدا يەنە قازاق، رۇس ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ بار.
«ئۇيغۇر رايونى» 1934-يىلى ستالىن دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بويىچە ئەمەس، بەلكى ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون سۈپىتىدە قۇرۇلغان، ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، بۇ رايون «ئۇيغۇر» ئىسمى بىلەن قوشۇلۇپ ئاتىلىپ كېلىنمەكتە، ئەمما يېقىنقى يىللاردا قازاقىستاندىكى سوۋېت دەۋرىدە قويۇلغان بىر قىسىم يەر-جاي ناملىرى، مەمۇرىي ناملار ۋە كوچا، يېزا ناملىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ناملىرى ئالماشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ناھىيىسى نامىنىمۇ ئۆزگەرتىش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا چىققان ئىكەن.
ئۇيغۇر ناھىيىسىدە چوڭ ئاقسۇ، كىچىك ئاقسۇ، تۈگمەن، غالجات، كەتمەن دېگەندەك 20 نەچچە يېزا بار. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنە ياركەنت ناھىيىسى، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسى قاتارلىقلاردىكى بىر قىسىم يېزا-قىشلاقلارغا ۋە ئالمۇتا شەھىرىگە تارقالغان. قازاقىستان ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسى بويىچە ئۇيغۇرلار 246 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپرەك ئىكەنلىكىنىمۇ ئېيتىشىدۇ.
ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ ناھىيە مەركىزى چونجى دەپ ئاتىلىدۇ.