قازاقىستانلىق ئۇيغۇر بالىلار خەلقئارا مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى


ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئابۇ-دەبىدە ئۆتكۈزىلۈۋاتقان بالىلارنىڭ «جۇ-جىتسۇ»،يەنى ياپونچە ئۆزىنى قوغداش ۋە قورالسىز ئېلىشىش تەنھەرىكەت تۈرى بويىچە خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قازاقىستان بالىلار كوماندىسىنىڭ تەركىبىدە قاتناشقان ئىككى نەپەر قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.

ئابۇ-دەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خەلقئارالىق ««جۇ-جىتسۇ»يەنى ياپونچە ئېلىشىش مۇسابىقىسىگە قازاقىستان ئۆسمۈرلىرىنىڭ كوماندىسىغا مەزكۇر ئىسپورتى تۈرى بويىچە مەشقاۋۇل ئارمانجان روزاخۇنوف يېتەكچىلىك قىلغان.

مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيانقى ئۈچ كۈنلۈك مۇسابىقە جەريانىدا قازاقىستان كوماندىسى ئۈچ ئالتۇن مېدال ۋە تۆت كۈمۈش مېدال ئالغان.

قازاقىستاندا رۇس تىلىدا تارقىتىلىدىغان «پەرۋاز» تورىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان كوماندىسىنىڭ يېتەكچىسى ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ ئوغلى كامال روزاخۇنوف ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «جۇ-جىتسۇ» تەنھەرىكەت بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى رۇستەم ئابدۇسالاموفنىڭ ئوغلى ئابدۇسالام ئابدۇسالاموف ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە قازاق، رۇس بالىلارمۇ ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس مېداللارنى قولغا كەلتۈرگەن.

«The National» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، 10-ئاپرېلدىن باشلاپ، 23-ئاپرېلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇسابىقىگە 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 7 مىڭدىن ئارتۇق ماھىر قاتناشقان بولۇپ، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ھەر قايسى تۈردىكى مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ كۈنىدىلا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ماھىرلار 34 ئالتۇن مېدال ۋە 41 كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يەككە ئېلىشىش تەنھەرىكەتلىرىنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدىغان «جۇ-جىتسۇ» ئەسلى ياپونىيەدە پەيدا بولۇپ، كېيىن برازىلىيەدە روناق تاپقان ۋە ھازىر كۆپ دۆلەتلەرگە كېڭەيگەن. بۇ، ئۆزىنى قوغداش ۋە قورالسىز ھالدا مۇشت بىلەن رەقىبىگە يېنىك ئۇسۇلدا زەربە بېرىش ماھارىتىنى تەلەپ قىلىدىغان ئېلىشىش تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر. قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ بۇ تەنھەرىكەتكە قىزىقىش يۇقىرى بولۇپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بۇ تۈر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۆسمۈرلەر كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەھۋالى نامەلۇم.