قازاقىستاندىكى سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى ۋە تەتقىقاتچى تۇتقۇن قىلىنغان

يېقىندا قازاقىستاندىكى سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى، دوكتور كونستانتىن سىرويېژكىن «خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قازاقىستان دۆلەت ئىچىدە جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئامېرىكادا چىقىدىغان «ۋالسىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 10-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كونستانتىن سىرويېژكىن ئىلگىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى، يەنى ك گ ب نىڭ خادىمى ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. قازاقىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئۇنىڭ بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى قازاقىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىدە مەخپىي تۇتۇلىدىغان ھۆججىتىنى خىتاي جاسۇسلىرىغا يوللاپ بەرگەنلىكتىن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىزىق نۇقتا، كونستانتىن سىرويېژكىن تۇتقۇن قىلىنىپ بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن قازاقىستان دائىرىلىرى بۇ ئىشنى شۇ يەرلىك تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنىشىغا يول قويغان ۋە بۇنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تەسىر كۈچىگە قارىتا كەم ئۇچرايدىغان بىر ئاممىۋى قارشىلىق ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە موسكۋادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادشۇناسلىق مەكتىپىنىڭ خىتاينى تەتقىق قىلغۇچىسى ۋاسىلىي كاشىننىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ ئىشنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىشىدىن قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتايغا قازاقىستاندا بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ۋە بەك يىراق يەرلەرگە قول سوزماسلىقى ھەققىدە بىر ئۇچۇر بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.

«ياۋروئاسىيانېت» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 62 ياشلىق سيرويېژكىن ئىلگىرى قازاقىستان پرېزىدېنت مەمۇرىيىتىنىڭ ئانالىزچى-مەسلىھەتچىسى، ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي-ئىقتىسادىي ۋە مىللەتلەر مەسىلىسى، قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغانىكەن.