قازاقىستان رەھبەرلىرى ما شىڭرۇي بىلەن سۆھبەتلەشتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 27-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جومارت توقايېف (Kassym-Jomart Tokayev) ئاستانىغا زىيارەتكە كەلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇينى قوبۇل قىلغان ھەمدە مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان. سۆھبەتتە پرېزىدېنت توقايېف «خىتاي بىلەن بولىدىغان تولۇق ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولغان قازاقىستانغا مەبلەغ سالغۇچى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى خىتاي بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا ما شىڭرۇي بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئومۇمەن دۆلىتىمىزنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقى شىنجاڭ ئارقىلىق ئىشقا ئېشىپ كەلمەكتە» دېگەن. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتلىرى ھاسىل قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاقلارنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقايسى تەرەپ سۆز قىلمىغان.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى باشقۇرىدىغان «ئاستانە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان ئىزچىل خىتاي بىلەن بولىدىغان ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ بۇ ساھەدە تەپسىلىي سۆھبەتلەشكەن. بولۇپمۇ يېنىك سانائەت، قاتناش-ترانسپورت، يۈك توشۇش، يېزا ئىگىلىكى ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەردە ئ‍ۆزئارا ھەمكارلىشىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ ھال قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەلىخان سمايلوف (Alikhan Smailov) بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىگەن.

«قازاقىستان خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى 2022-يىلى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم 24 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ سودا پائالىيىتىنىڭ 40 پىرسەنتى بولسا بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى 21 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى 52 تۈرلۈك قۇرۇلۇش ھەققىدىمۇ مۇزاكىرىلەر بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە خىتايغا تايىنىپ قالغان قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئوخشاش بولمىغان خەلقئارا سورۇنلاردا ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ھەرقايسى ساھەنىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.