خىتاي تەرەپ «قازاقىستاننىڭ ‹ئەسبىيلىككە قارشى ھەرىكىتىمىز› نى چۈشەنگىنى ۋە قوللىغىنى ئۈچۈن مىننەتدارمىز» دېگەن

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پەيشەنبە كۈنى قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاتامقۇلوف بىلەن كۆرۈشكەندە قازاقىستاننىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدە خىتاينى توغرا چۈشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئەسلىتىشىچە، قازاقىستان ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارغا سولىۋېلىنغان قوش ۋەتەنداشلىقى بار قازاقلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي تەرەپ بىلەن بەلگىلىك مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بۇ مەسىلىگە قارىتا بىۋاسىتە تەنقىدىي پىكىر ياكى پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان يېقىندا لاگېرلار مەسىلىسىدىكى بايراقدار پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشنى تۇتقۇن، قىلىپ نەزەربەند ئاستىغا ئالغان. قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سوتتىن كېيىن كۈچلۈك گۇۋاھچى، يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى سايراگۇل ساۋۇتنىڭمۇ ئاۋازى پەسەيگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يى ئاتامقۇلوف بىلەن بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتە لاگېرلار مەسىلىسىدە ئالاھىدە توختالغان. ئۇ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق ئىدىيەسىنى يوقىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى ۋە قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. خىتاينىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا ياخشى بىر ئۈلگە ياراتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋاڭ يى باشقا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ بۇ تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرغان.

كۆزەتكۈچىلەر ۋاڭ يىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئۆزىگە ئىشىنىشتىن ئەمەس، بەلكى كۈنسېرى ئۇلغيىۋاتقان خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇۇش ئۈچۈن، يەنى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.