قازاقىستان-خىتاي ۋىزاسىز تۈزۈم يولغا قويۇشقا تەييارلانماقتا

خىتاي تەسىرى بىرقەدەر كۈچلۈك، دەپ قارىلىۋاتقان قازاقىستاندا يېقىندا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بىر زور يېڭىلىق قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا چەكلىمىسىنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلىش مۇزاكىرىسى بولماقتا.

«ئاستانا خەۋەرلىرى گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ شىئەن شەھىرىدە 18-مايدىن باشلاپ ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى ئۈچۈن ۋىزا ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا كېلىشكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مۇزاكىرە ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشسا ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى قارشى تەرەپكە ۋىزا ئالماستىن بېرىپ كېلەلەيدىكەن. جۈملىدىن ساياھەتچىلىك، داۋالىنىش ياكى خەلقئارا سەپەر ئېھتىياجى ئۈچۈن قانۇنلۇق پاسپورت بولسىلا ۋىزا ئالماستىن قارشى تەرەپ تەۋەسىدە 30 كۈن تۇرۇشقا بولىدىكەن. ئالتە ئاي ئىچىدە بۇ خىل ۋىزىسىز تۇرۇش ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە بولۇۋېرىدىكەن. خەۋەردە بۇ ھەقتە توختىلىپ «قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇرات نۇرتىلۇ (Murat Nurtleu) ماي ئېيىدا خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلۇشى مۇمكىن» دېگەن.

نۆۋەتتە قازاقىستان تېررىتورىيەسى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشىدىكى مۇھىم ئۆتكۈنچى بەلۋاغ بولۇۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر يېڭى بەلگىلىمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي تەسىرىنىڭ قازاقىستاندا شىددەت بىلەن ئېشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي خەۋەرلىرى تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاينىڭ «بوشلۇقتىكى يىپەك يولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» نامىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ھاۋا قاتنىشىنى توختاۋسىز ھالدا يۈكسەلدۈرۈشى، جۈملىدىن ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخاباد ئوتتۇرىسىدىكى توختاپ قالغىنىغا ئۈچ يىل بولغان ھاۋا قاتنىشىنىڭ 25-ئاپرېلدىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىشى بۇ ھالنىڭ يېڭىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق 2022-يىلى 7-ئىيۇلدا خىتاي پۇقرالىرى قازاقىستاندا ۋىزا ئالماستىن 14 كۈن تۇرسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قارار ئېلىنغان. ئەمما قازاقىستان پۇقرالىرى خىتايغا بېرىش ئۈچۈن يەنىلا ۋىزا ئېلىشى لازىم بولغان. بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىدە بۇ خىل تەڭسىزلىك تولۇق ئاياغلىشىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.