يېقىندا قازاقىستان بىلەن خىتاي ئىمزالىغان قازاقىستان-خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىدە، ئۇيغۇر رايونى پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈشتە خىتاينىڭ «دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكى» ھەققىدىكى ئىسپاتنامە كۆرسىتىشى بەلگىلەنگەن. بۇنىڭ ئۇيغۇر رايونى پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقى، چۈنكى خىتاينىڭ ئۆزىگە تەھدىت ياكى «دۈشمەنلىك خاھىشى بار»، دەپ قارالغان كىشىلەرگە خىتاي «دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكى» گە ئائىت ئىسپاتنامە بېرىشى مۈشكۈل ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پارلامېنتى 20-سېنتەبىر كۈنى «قازاقىستان-خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچۇرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» نى تەستىقلىغان.
لېكىن خەۋەردە، دائىرىلەرنىڭ بۇ كېلىشىم قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە ئىككى دۆلەت تەۋەلىكى ساھەسىگە ئائىت قىلمىشلارغا زەربە بېرىشتە قانۇنى ئاساس تىكلەپ بەردى، دەپ كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، كېلىشىمدە يەنە ھەر ئىككى دۆلەت چېگرادىن كىرىش، تۇرۇش ۋە چىقىشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەرنى بىر-بىرىگە ئۇقتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر كېلىشىمنىڭ خەلقئارادا، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ باستۇرۇشىدىن قاچقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنى خىتايغا قايتۇرماسلىق، ئۇيغۇرلارنى قوغداش ھەققىدىكى چۇقانلار كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئىمزالىنىپ، قازاقىستان پارلامېنتىدا تەستىقلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا. قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى 25 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپلا قالماي، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى قازاقلارغىمۇ سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى قىيىنلاشتۇرغان. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇ كېلىشىم ئۇيغۇر رايونىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان قازاق پۇقرالىرىدىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە قازاقىستان تاراتقۇلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن بېرى قازاقىستاندا 462 كىشى قوش دۆلەت تەۋەلىكى سەۋەبىدىن مەمۇرى جاۋابكارلىققا تارتىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەنلەر ئىكەن.