خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك «بىر يول بىر بەلۋاغ» يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتىشىدا ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتكەن قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېف، 18-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي ۋە قازاقىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ مۇھىم ساھەلەردىكى ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
«ئاقئوردا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، توقايېفنىڭ «قازاقىستان خىتاينى مېتاللۇرگىيە، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش، يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى شۇنداقلا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ھەر خىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشكە ۋە ئۇنى كۆپەيتىشكە تەييار… قازاقىستان يەنە خىتاي بازىرىنى مۇھىتقا پايدىلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان تۇراقلىق مەنبە بولالايدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
لېكىن كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، خىتاي جازا لاگېرلىرىدىكى قازاق تۇتقۇنلار ياكى ئۇيغۇر رايونىدا قالغان قازاقلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇش مەسىلىلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەن-كەلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تاراتقۇلىرىدا بۇ خىل نازۇك تېمىلار توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. قازاقىستان، ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلدىن بېرى مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ئىزچىل سۈكۈت قىلىش، ھەتتا ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.
«ئاقئوردا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆرۈشۈشتە توقايېف يەنە قازاقىستان-خىتاي ئارىسىدىكى 3-تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇ قۇرۇلۇشنى يېقىن كەلگۈسىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان. خەۋەردە يەنە تەرەپلەرنىڭ سۇ ئىنشائاتى، چېگرا ھالقىغان دەريالاردىن پايدىلىنىش ۋە ساياھەتچى ئالماشتۇرۇش مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى مەلۇم. توقايېفنىڭ قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىدىكى تارىخىي، مەدەنىيەت، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تىلغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ما شىڭرۇي بولسا توقايېف بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشكەندە ھاسىل قىلغان كېلىشىملەرنى ۋە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى پىلانلارنى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ توقايېفنىڭ قازاقىستان پرېزىدېنتى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىغا كېلىشىدۇر.