قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا 19 نەپەر خىتاي ئىشچىنى قازاقىستان كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان.
قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ 19 خىتاي ئىشچى تۇتقۇن قىلىنىشتىن بۇرۇن غەربىي جەنۇبى قازاقىستاننىڭ مانغىستاي ئوبلاستىنىڭ نېفىتلىك رايونىدىكى بىر شەخسى كارخانىدا ئىشلەيدىكەن.
قازاقىستان ئاخباراتى، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كونكرېت قاچان تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما 3-نويابىر قازاقىستان كۆچمەنلەر دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي ئىشچىلارنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئىشچىلار قازاقىستاننىڭ چەتئەللىك ئىشلەمچىلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھېچقانداق قانۇنلۇق ئىشلەش سالاھىيىتى يوق تۇرۇپ ئىشلىگەن. مەزكۇر ۋەقە قازاقىستاندا نەچچە يۈز مىڭ خىتاي كۆچمەننىڭ قازاقىستانغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىغا دائىر خەۋەر تارقىلىپ، قازاقىستان پۇقرالىرىدا قاتتىق ئەندىشە قوزغىغان پەيتتە يۈز بەردى.
جەمئىيەتتىكى بۇ ئەنسىزلىككە قارىتا، قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 1-نويابىر ئاستانادا ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، قازاقىستان خەلقىگە چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولغان. قازاقىستان باش ئەلچىسى شاخرات نۇرىشېفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستان 2015-يىلى خىتاي پۇقرالىرىغا 118321 ۋىزا بەرگەن، ئەمما بۇ ۋىزىلارنىڭ 70% دىن كۆپرەكى خىتايدىكى قازاقلارغا بېرىلگەن. ئۇ، خىتاي پۇقرالىرىغا 2016-يىلى ئۆكتەبىرگە قەدەر 86203 ۋىزا بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما بۇ ۋىزىلارنىڭ 68% نى يەنە قازاقلار ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.