قازاقىستان ئەمەلدارى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ، ئەركىن سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي قازاقىستاننىڭ ئاباي ئوبلاستىنىڭ ۋالىيسى ئۇلانخايېف باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن.

ما شىڭرۇي ئۇلانخايېفنى قارشى ئالغاندا قىلغان سۆزىدە، يېڭى دەۋردە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بىر قانچە جايدا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئاباي ئوبلاستىنىڭ شىنجاڭنىڭ قوشنىسى بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەمكارلىقىدا، رايونلار ئارا سودا-ئالماشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» يولغا قويۇپ ئىجرا قىلغاندىن بۇيان، بىر قىسىم خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، خىتاي سودىسىغا زەربە بېرىشكە باشلىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئەمدى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاسىيا، ئافرىقا دۆلەتلىرى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا بەكرەك كۆز تىكىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىنى ناھايىتى تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز بۇ يىل 25-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇقۇم خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشى» ناملىق ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكسپورتنىڭ رېكورت خاراكتېرلىك يۇقىرى سۈرئەتتە كۆپىيىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، دەل ئۇيغۇر رايونىنىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودىسىدىكى جىددىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك، دەپ چۈشەندۈرگەنىدى.