قازاقىستان ساقچىلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇندىكى قازاقلارنىڭ ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئەرز قىلىشىنى توسقان

قازاقىستان ساقچىلىرى ئۇرۇق تۇغقانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان قازاق پۇقرالىرىنىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا بېرىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى توسقان.

مەركىزى چېخىيە پايتەختى پىراگادىكى ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ خەۋىرىدە، قازاقىستان ساقچىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئالمۇتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا بېرىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقچى بولغان بەش نەپەر قازاق ئەر ۋە ئايالنى توسقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

ئەرزدارلارنىڭ «ئازادلىق رادىئوسى» غا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى دىنىي ئىبادەت قىلغانلىقى ياكى تورغا ئۇچۇر يوللىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاتالمىش «قايتا-تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا قامالغان ئىكەن.

خەۋەردە، ئەرزدارلارنىڭ «ئازادلىق رادىيوسى» غا «بۇ، خىتاينىڭ قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز، شۇنداقلا رايوندىكى باشقا يەرلىك خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتى» نىڭ 1000-كۈنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئىلگىرى قازاق پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا تۇتقۇندىكى ئېتنىك قازاقلارنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ جەرياندا خىتاي بەزى قازاق ئەرزدارلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قازاقىستانغا چىقىپ كېتىشىگە يول قويغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى قازاقىستاننى ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن قازاقىستان خىتاينى تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا قالماي، ب د ت نىڭ بەزى يىغىنلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.