قازاقىستان خەلقلەر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ھەپتە مەخسۇس ئۇچۇر تارقىتىپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ 2025-يىلى پۈتۈن قازاقىستان بويىچە ئومۇميۈزلۈك لاتىنچە قوللىنىش قارارىنى قوللىغانلىقىنى رەسمىي شەكىلدە بىلدۈردى.
«interfax.kz» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاندا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشنامىسىدە «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز قازاقىستاننىڭ ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا لاتىنچىغا ئۆتۈشىنى توغرا ۋە مەنتىقلىق قارار دەپ ھېسابلايمىز» دېيىلگەن شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ لاتىن يېزىقى قوللانغان دۆلەت تىلى، يەنى قازاق تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز ھەسسىلىرىنى قوشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇر جامائىتى ئالمۇتادا، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن لاتىنچىغا كۆچۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى.
نۆۋەتتە، قازاقىستاندا قازاقلارنىڭ لاتىنچە يېزىق قوللىنىشى، بولۇپمۇ تۈركچە ياكى باشقا خىل لاتىنچە يېزىق شەكىللىرىنى قوللىنىش كېرەكمۇ ياكى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەش كېرەكمۇ ؟ شۇنىڭدەك 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قوللىنىلغان سلاۋيان يېزىقىدىكى ماتېرىياللار، مەنىۋى بايلىقلارنى قانداق قىلىش؟، ئۇلارنى لاتىنچىغا ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟ دېگەندەك تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلەر داۋاملاشماقتا.
شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سانى 250 مىڭدىن ئارتۇق، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئۇنىڭدىن كۆپ دەپ ئېيتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان سلاۋيان يېزىقىدىكى ماتېرىياللىرى، كىتابلىرى ۋە باشقىلارنى قانداق قىلىش؟، لاتىنچە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قايسى شەكلىنى ئېلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قانداق شەكىلدە ئالاقىنى ساقلاش ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە موسكۋانىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆزبېك، قازاق، ئېزەر، قىرغىز، ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەر 1930-1940-يىللار ئارىسىدا بىر قېتىم لاتىن يېزىقى قوللانغان، ئەمما كېيىن ھەممىسى بىردەك سلاۋيان، يەنى كىرىل يېزىقىغا كۆچكەن ئىدى. 1991-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بۇ دۆلەتلەردە يېزىق ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.