قازاقىستاندىكى لاتىن يېزىقى قوللىنىش مەسىلىسىگە ئائىت مۇنازىرىلەرگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا
2017.06.25
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف يېقىندا قازاقىستاننىڭ 2025-يىلى ئومۇميۈزلۈك لاتىن يېزىقى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان قازاقىستان زىيالىيلىرى ئارىسىدا يېزىق ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ قاتارغا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئىشتىراك قىلماقتا. چۈنكى 2025-يىلى قازاقىستان لاتىن يېزىقىغا كۆچسە، بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى 300 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ كىرىل يېزىقىمۇ ئوخشاشلا ئۆزگىرىپ، لاتىنچە بولىدۇ.
ئەمما، قازاقىستان زىيالىيلىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنلا رۇس يېزىقىنى ئۆزگەرتىپ، لاتىن ياكى ئەرەب يېزىقىغا كۆچۈش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا چىققان، بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى تارىخى ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.
مەزكۇر مۇنازىرىلەرگە ئىشتىراك قىلغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن دوكتور ئابلەت كامالوف قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتى» دە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى بىر قانچە قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىش تارىخى جەريانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن ئەزەربەيجاننىڭ 1925-يىلى لاتىنچىگە كۆچكەنلىكى، ئارقىدىن 1920-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1930-يىللاردا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ لاتىنچە قوللىنىپ، كېيىن بىردىنلا رۇس يېزىقىغا كۆچكەنلىكى، ئەمما قازاقىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-1946-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا، ئەڭ كېيىن، يەنى 1947-يىلى رۇس يېزىقى، يەنى كىرىلچىگە كۆچكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا لاتىن يېزىنى ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت قوللانغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن 1960-1980-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار بىر مەزگىل لاتىنچە قوللانغان.
ئۇنىڭ يەكۈنىچە، سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئىلگىرى-كېيىن ئەرەب يېزىقىدىن لاتىنچىگە، ئارقىدىن رۇس يېزىقىغا، مانا ئەمدى يەنە قايتىدىن لاتىنچىگە كۆچۈشتەك مۇرەككەپ جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە كەچۈرمەكتە.