قازاقىستاننىڭ «كاز-ئىنفورم» ناملىق خەۋەر ئورگىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىدى

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى رويتېرسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە خەۋەر ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارغا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. «كاز-ئىنفورم» ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار 10-يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىدە بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ تەپسىلىي جەريانلىرىنى تولۇق تونۇشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە خوتەندە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇ يەردىكى بىر قىسىم لاگېرلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار خەۋىرىنىڭ بېشىدىلا يۇقىرىقى بۇ زىيارەت بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ خالىغان ئورۇنغا بېرىپ، خالىغان كىشى بىلەن خۇسۇسىي سۆھبەت قىلىش پۇرسىتى بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇلار خەۋىرىدە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تېخنىكا بىلەن تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ تونۇشتۇرغان ئورۇنلاردىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەنگۈچىلەر» نىڭ زىيارەت قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلا «ئۆزلىرىنىڭ رادىكال ئىدىيەدىن زەھەرلىنىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە تەربىيەلەنگىلى كەلگەنلىكىنى» ئېيتقان. يەنە بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەنلىكىنى، ھەپتە ئاخىرلىرىدا ئۆيىگە قايتالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ زىيارەتكە ئائىت تەشۋىقاتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەن بۇنداق زىيارەتلەرنىڭ ھېچكىمنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يۇقىرىقى بۇ زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان رويتېرس ئاگېنتلىقىمۇ چارشەنبە كۈنى زىيارەتنىڭ جەريانىغا ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلغاندا «خىتاي بىزنىڭ كۆرۈشىمىزنى ئارزۇ قىلغان ‹قايتا تەربىيە لاگېرلىرى›» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇخبىرلاردىن باشقا يەنە قازاقىستان، رۇسىيە، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق 12 دۆلەت دېپلوماتلىرىنىمۇ ئوخشاش مەزگىلدە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.